خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20- سېنتەبىر، فىلىپپىن مانىلا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا، يولۇچىلار سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن چۈشۈپ تارقاقلاشتى. مانىلا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 20- سېنتەبىر دېيىشىچە: شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، فىلىپپىن بىخەتەرلىك خادىملىرى مانىلا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا، بۇ يەرگە قونغان سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ SV872 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ئورىۋالغان. باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەدىيە مېڭلېييار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: ۋەقەنىڭ جەريانى SV872 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان قونۇش ئالدىدىكى بىر نەچچە مىنۇتتا، شوپۇرنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن جىددىي ياردەم سوراش كۇنۇپكىسىنى بېسىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى