باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ئارمىيەسى ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرىنى تۇشۇۋاتقان ئاپتوموبىل كالونىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

2016.09.21 15:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە ئارمىيە تەرەپ 20- سېنتەبىر، سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەپ ئۆلكىسىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرىنى تۇشۇۋاتقان ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى، سۇرىيە ئاگېنتلىقى ئارمىيە تەرەپنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرىنى تىنىۋاتقان ئاپتوموبىل كالونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرى راست ئەمەس. سۇرىيە ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ، رۇسىيە بىلەن سۇرىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاپتوموبىل كالونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى، سۇرىيە ھىلال ئاي جەمئىيىتى، قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتى ۋە قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ھەمدە ھىلال ئاي خەلقئارا بىرلەشمىسى 20- سېنتەبىر بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئون نەچچە ئاپتوموبىلدىن تەشكىللەنگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرىنى تۇشۇۋاتقان ئاپتوموبىل كالونى بىلەن سۇرىيە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ بىر ئىسكىلاتى 19- سېنتەبىر كەچتە ھۇجۇمغا ئۇچراپ، قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە 20 پۇقرا قازا قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر