باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

71-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرە يىغىنى ئىچىلدى

2016.09.21 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  71- نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرە يىغىنى20 - سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا ئىچىلدى. مۇنازىرە يىغىنى 26-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ، مۆلچەرلەرگە قارىغاندا 140 دىن كۆپرەك دۆلەت باشلىقى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى ھەمدە نەچچە ئون مىنىستىر قاتارلىق ۋەكىللەر قاتنىشىدىكەن ۋە سۆز قىلىدىكەن. ئادەتتىكى مۇنازىرە يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىن زالىدىكى ئېكراندا قىسقا فىلىم قويۇلۇپ، 2030- يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى ماقۇللانغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا، ھازىر 50 دىن كۆپرەك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى 2030- يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئۆزىنىڭ خىزمەت قارالمىسىغا كىرگۈزدى. ئۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش پارىژ كېلىشىمىنى تېزدىن تەستىقلاپ، ئۇنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى كۈچكە ئىگە بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر