باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاۋسترالىيە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مالىيە يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ

2016.09.21 15:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋسترالىيەنىڭ ئىجتىمائىي مۇلازىمەت مىنىستىرى بوت تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئاۋسترالىيە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مالىيە يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاۋسترالىيە ھەر يىلى بىۋاسىتە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئۈچۈن تەخمىنەن 120 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلىدۇ. ئەگەر ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنمىسا، بۇ چىقىم داۋاملىق ئۆرلەيدۇ، ھەتتا كونتروللۇقىنى يوقىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاۋسترالىيەنىڭ ھازىرقى تۈزۈمى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئىسلاھ قىلىنىدۇ. ئۇ ئاۋسترالىيەنىڭ ئالدىن مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئېلان قىلدى، ئاۋسترالىيەدىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كۆچۈرىدىغان ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر