باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ساغلام جۇڭگو قۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلمەكتە

2016.09.21 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇمىي خەلقنىڭ تەن ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جايلار تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئومۇم خەلقنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى.

  يېقىندىكى ئومۇم خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، مەملىكەت بويىچە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قاتناشقانلارنىڭ سانى %33.9نى ئىگىلىگەن بولۇپ، 2007-يىلغا قارىغاندا 5.7پوئىنت ئۆرلىگەن. جايلار ئاممىۋى تەنتەربىيە سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئومۇمىي خەلق تەنتەربىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، ساغلام ئىلمىي تۇرمۇش، ئۈمىدۋارلىق پوزىتسىيەسىنى تەشەببۇس قىلدى.

  ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئارىشاڭدا شۇ يەردىكىلەر ياخشى تەبىئىي شارائىتتىن پايدىلاندى، بۇ يىل تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا تاغلىق دالىدا مۇسابىقىلىشىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، 600دىن ئارتۇق دالىدا يۈرگۈزگۈچى ۋە دالا تەنھەرىكەت ھەۋەسكارىنى جەلپ قىلدى. نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق ياخشى تەنھەرىكەت كەيپىياتى بولغان دالا تەنھەرىكىتىنى ياخشى كۆردى. نەنجىڭ، خاربىن قاتارلىق جايلاردا شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت شەھەر ئايلانما يېشىل يولى، ئىستىراھەت باغچىسى قۇرۇپ، مەكتەپنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش سورۇنلىرىنى ئېچىۋېتىپ، پۇقرالارنى ئىشىك ئالدىدىلا ھەرىكەت قىلىش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر