باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرازىلىيە ئاۋام پالاتاسى زۇڭتۇڭ روسېف ھەققىدىكى ئەيىبلەش تەكلىپىنى ئاۋازغا قويىدۇ

2016.04.14 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرازىلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ پارلامېنت باشلىقى كۈنيا 12-ئاپرېل مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ناۋادا بارلىق تەييارلىقلار مۇۋاپىق بولسا، ئاۋام پالاتاسى ئومۇمىي يىغىنىدا 17-ئاپرېل زۇڭتۇڭ روسېفنى ئەيىبلەش تەكلىپى ئاۋازغا قويۇلىدۇ. پارلامېنت باشلىقى ئىشخانىسى تەمىنلىگەن كۈنتەرتىپكە ئاساسەن، 15-ئاپرېلدىن ئېتىبارەن، ئاۋام پالاتاسى ئۇدا ئۈچ قېتىم يىغىن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئارىدا پارلامېنت ئەزالىرى ئەمدىلا ماقۇللانغان ئەيىبلەش دوكلاتىنى مۇنازىرە قىلىدۇ. ناۋادا مۇنازىرە باسقۇچى ئوڭۇشلۇق بولسا، ئەڭ ئاخىردا بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 17-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئاۋازغا قويۇشىدىن ئۈمىد بار. شۇ چاغدا ئېلېكتىرونلۇق ئاۋاز ھېسابلىغۇچ ئىشلىتىلمەيدۇ، پارلامېنت ئەزالىرى بىر بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ ئاۋاز بېرىش قارارىنى جاكارلايدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر مەخسۇس كومىتېت ئاۋاز ھېسابلاشقا مەسئۇل بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر