باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تويوتا شىركىتى يۈرۈش مۇقىملىقىدا يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان ئون نەچچە مىڭ لېكساس ئاپتوموبىلىنى قايتۇرۇۋالدى

2016.04.14 13:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، تويوتا ئاپتوموبىل (جۇڭگو) مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىگە يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان ئاپتوموبىللارنى قايتۇرۇپ كېلىش پىلانىنى يوللاپ ئەنگە ئالدۇردى،

  2016 -يىلى 15-ئاپرېلدىن باشلاپ، 2015-يىلى 1-سېنتەبىردىن 2016-يىلى 26-فېۋرالغىچە ئىشلەنگەن بىر قىسىم ئىمپورت قىلىنغان LEXUS ES200، ES250 ۋە RX200t تىپلىق ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇۋالىدۇ. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق رايونىدا 15 مىڭ 322 ئاپتوموبىل بۇ قېتىمقى قايتۇرۇپ كېلىدىغان پىلانغا چېتىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى قايتۇرۇپ كېلىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ تورمۇزلاش ئەسۋابىنىڭ نورمال تورمۇزلاش سىستېمىسى (ABS) ۋە ئاپتوموبىلنىڭ مۇقىم كونترول قىلىش سىستېمىسى (VSC) قاتارلىق سىستېمىلارغا كېرەكلىك ماي نورمال يەتكۈزۈپ بېرىلمەي، ئاپتوموبىلنىڭ يۈرۈش مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزگەن بولۇشى، يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. تويوتا ئاپتوموبىل (جۇڭگو ) مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئاپتوموبىلارنىڭ تورمۇزلاش ئەسۋابىنىڭ تەرتىپ نومۇرىنى بېكىتىپ، مەسىلە ساقلانغان تورمۇزلاش ئەسۋابىنى ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ بېرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر