باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«4-ماي» ياشلار بايرىمىدا نېغمەت راخمان شىنجاڭغا كېلىپ، بايراملىق پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ

2016.04.14 14:18   مەنبە: خەلق تورى

«4-ماي» ياشلار بايرىمىدا نېغمەت راخمان شىنجاڭغا كېلىپ، بايراملىق پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ

  ماتېرىيال سۈرەت

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 13 – ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى «4 - ماي» ھەرىكىتىنىڭ 97 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق «4 - ماي» ياشلار بايرىمىدا مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈلۈزۈپ، بايرام تېخىمۇ قىزىيدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق «4- ماي» ياشلار بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىدە «ۋەتەننى سۆيۈش، تەرەققىيات، دېموكراتىيە، پەن» گە ۋارىسلىق قىلغان «4 - ماي» روھى ئاساسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى، بەشتە يېڭى ياشلاردىن بولۇش ئاساسىي مېلودىيە بولىدىكەن؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياشلار - ئۆسمۈرلەر تىپلىرى باھالىنىدىكەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ھەمراھلار پائالىيىتى كۈچەپ ئېلىپ بېرىلىپ، بىرگە ياشاش، بىرگە ئوقۇش، بىرگە ئويناش ئىناقلىق ۋەزىيىتى بارلىققا كەلتۈرۈلىدىكەن؛ 15 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ «4 - ماي» مېدالىغا ئېرىشكۈچىلەر مۇكاپاتلىنىدىكەن؛ «ياشلىق 100 سېكونتتى» خالىسانە فىلىمى ئارقىلىق دەۋرىمىزدىكى بىرقىسىم ئىلغار، زامانىۋى مەدەنىيەت ئۈلگىسى بولغان ياشلار تەشۋىق قىلىنىدىكەن؛ مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى رىياسەتچىسى نېغمەت راخمان شىنجاڭغا كېلىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياخشى كۆرۈدىغان پىروگراممىغا قاتنىشىپ، بايرامنى تېخىمۇ قىزىتىدىكەن؛ «يۈگرەيلى ياشلىق» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ، ئۈرۈمچىدە 1000دىن ئارتۇق ياش مارافونچە يۈگۈرۈشكە قاتنىشىدىكەن، بۇ پائالىيەت ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە بىرلا ۋاقىتتا قانات يايدۇرۇلىدىكەن. بايرام كۈنى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئەن مىڭلياڭ، ۋاڭ ياڭ، پەرھات خالىق قاتارلىقلار «ياشلىق باھارى» سەنئەت كېچىلىكىدە نومۇر ئورۇندايدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە پراكتىكا ئ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيە ئىسلاھاتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017-يىلدىن باشلاپ EMBA نى بىر تۇتاش ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى بې…
      ·ئالىي مائارىپ سۈپىتى «دۆلەت دوكلاتى» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى
      ·بېيجىڭ شەھىرى يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى
      ·2017-يىلى ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى مەملىكەتلىك بىر …
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت، نامرات، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى يېزىل…
      ·دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار سىياسەت-ھۆججەتلەرنى بىكار قىلىپ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا …
      ·بۇ يىل شىنجاڭدىكى 10 ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ