باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭ دوڭگۇەندىكى بىر زاۋۇتتا پولات جازا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 18 ئادەم قازا قىلدى

2016.04.14 14:16   مەنبە: خەلق تورى

گۇاڭدۇڭ دوڭگۇەندىكى بىر زاۋۇتتا پولات جازا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 18 ئادەم قازا قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەتىگەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دوڭگۇەن شەھىرى ماچوڭ بازىرىدىكى بىر زاۋۇتتا پولات جازا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئىشچىلارنىڭ ۋاقىتلىق ياتاق ئۆيىنى بېسىۋالدى، نۆۋەتتە ۋەقەدە 18 ئادەم قازا قىلدى.

  نەق مەيداندىكى قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، دوڭگۇەن خەلق شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى لو بىن، 13 ـ چېسلا سائەت 18 گىچە، نەق مەيداندىكى تازىلاش، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاياغلاشتى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ۋاقىتلىق ياتاق ئۆيلەردە 139 ئادەم تۇرۇۋاتقانلىقى، 88 كىشىنىڭ چېكىنگەنلىكى، 55 كىشىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 18 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، تۆت كىشىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى ئېنىقلاندى، دېدى.

  لو بىن مۇنداق دېدى: 13 – چېسلا سەھەر سائەت 5 دىن 40 مىنۇتتىن سائەت يەتتىگىچە، دوڭگۇەن شەھىرىدە كۈچلۈك چاقماق چاققان، شامال كۈچى 11 بالغا يەتكەن بولۇپ، قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايىدا بۇ زاۋۇتتىكى پولات جازا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

  بۇ پولات جازا بىر خىل ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان دوڭگۇەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى چاۋۋېي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن قىسىمنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن 80 توننا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  لو بىن، ۋەقە يۈز بەرگەن كارخانا كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەخسۇس مەبلىغى ئۈچۈن 20 مىليون ئاجراتتى، بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن قۇتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىمىز، دېدى.

  نۆۋەتتە، دوڭگۇەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە پراكتىكا ئ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيە ئىسلاھاتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017-يىلدىن باشلاپ EMBA نى بىر تۇتاش ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى بې…
      ·ئالىي مائارىپ سۈپىتى «دۆلەت دوكلاتى» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى
      ·بېيجىڭ شەھىرى يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى
      ·2017-يىلى ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى مەملىكەتلىك بىر …
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت، نامرات، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى يېزىل…
      ·دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار سىياسەت-ھۆججەتلەرنى بىكار قىلىپ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا …
      ·بۇ يىل شىنجاڭدىكى 10 ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ