خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئاپرېل، تەيۋەن «قانۇن مىنىستىرلىقى» تەكشۈرۈش ئىدارىسى، «مالىيە مىنىستىرلىقى» تاموژنا ئىشلىرى مەھكىمىسى بىرلىشىپ تەيجۇڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2-ئاپرېل پاش قىلىنغان تەيۋەندىكى ئەڭ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، قولغا چۈشۈرۈلۈپ نەق مەيداندا كۆرگەزمە قىلىنغان ئۈچىنچى ، تۆتىنچى دەرىجىلىك زەھەرنىڭ مىقدارى 1783.5 كىلوگىرامغا يەتكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى