باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

توردا چېگرا سىرتىدىن مال سېتىۋالغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

2016.04.13 13:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزدە 8-ئاپرېلدىن باشلاپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق مال سېتىۋېلىش ئىمپورت سودىسىدا يېڭى باج تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى ھەم يۈك توشۇش ھەققى سىياسىتى تەڭشىلىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق ئىمپورت سودىسىنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىش دەۋرى ئاخىرلاشتى.

  6-ئاپرېل، 11 تارماق بىرلىكتە «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق مال سېتىۋېلىش ئىمپورت تاۋارلىرى تىزىملىكى»نى ئېلان قىلدى. ئادەتتىكى ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، چەت ئەلدىن مال سېتىۋالغاندا نېمىلەرنى سېتىۋېلىش، نېمەلەرنى سېتىۋالماسلىق دېگەنلەردە ئېھتىياتچان بولۇشنى، بۇلارغا ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

  بۇ يىل 1- پەسىلدە، چۇڭچىڭ چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئىدارىسى تەكشۈرۈپ چىققان چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن ۋە چىقىرىلغان خەلقئارالىق ئادەتتىكى يوللانما ۋە EMS 250 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 74.5% ئاشقان. تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن ھەر خىل چەكلەنگەن بۇيۇملار ۋە كارانتىن خاراكتېرلىك بۇيۇملار 141 تۈركۈم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 166 ئاشقان .

  چۇڭچىڭ چېگرا-پىرىيوم كارانتىن ئىدارىسى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش كەسپىي باشقارمىسىنىڭ باشلىقى تەن خوڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 10-ئايدا، بىز پولشادىن كىرگۈزۈلگەن ئىككى تۈركۈم مەلۇم قىلمىغان تىرىك ھايۋانلارنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردۇق، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئۆمۈچۈك بىلەن نەچچە قىرىقئاياغ بار ئىكەن. مەنبەسى ئېنىق بولمىغان تىرىك ھايۋانلار ناۋادا دۆلىتىمىزگە كىرگۈزۈلسە، يەرلىك تۈرگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ ئېنىق بولمىغان يۇقۇملۇق كېسىلى كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا، شۇنداقلا ھايۋاناتلارنىڭ ھاياتىغا غايەت زور تەھدىت سالىدۇ.

  بۇنداق ئاز ئۇچرايدىغان، لېكىن يۇقىرى يۇقۇم خەۋپ-خەتىرى بار مەنئى قىلىنغان جانلىقلاردىن باشقا، بۇ يىل 1- پەسىلدە چۇڭچىڭ چېگرا-پىرىيوم كارانتىن ئىدارىسى ئەڭ كۆپ توسۇپ قولغا چۈشۈرگەن بۇيۇملاردىن گۆشتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، دېڭىز ئادەمگىياھى، سۈت مەھسۇلاتلىرى، گۈللۈك يېلىمى، كرېئوتوكسىن، بالا ھەمراھى ئامىلى قاتارلىق بۇيۇملار بار. تەن خوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەت ئەللەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، شۇ جايدىكى ساياھەت يېتەكچىسى دائىم ساياھەتچىلەرنى مەنئى قىلىنغان، مەسىلەن، قارلىغاچ ئۇۋىسى، گۈللۈك يېلىمى، دېڭىز ئادەمگىياھى قاتارلىق بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشقا ئازدۇرۇپ، يەنە بۇ نەرسىلەرنى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىشكە بولىدۇ، دەپ ئالداپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى زىيانغا ئۇچراتتى.

  تەن خوڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان- چىقىرىلىدىغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن قانۇنى»غا ئاساسەن، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بىلەن سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان 1712-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ چېگرادىن ئىلىپ ئۆتۈشتە، پوچتا يوللانمىسى قىلىپ چېگرادىن ئۆتكۈزۈشتە مەنئى قىلىنىدىغان بۇيۇملار ئىچىدە، تىرىك ھايۋانلار؛ ھايۋانات بۇيۇملىرى، مەسىلەن، گۆش ۋە ئۇنىڭدىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەر؛ سۇ جانلىقلىرى مەھسۇلاتى؛ ھايۋانات مەنبەلىك سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى، مەسىلەن، خام سۈت، ساپ سۈت، قېتىق، ھايۋانات مەنبەلىك قايماق، سېرىق ماي، پىشلاق قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى؛ تۇخۇم ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان بۇيۇملار، مەسىلەن، تۇزلانغان تۇخۇم، تۇخۇم سېرىقى قىيامى قاتارلىق تۇخۇم مەنبەلىك مەھسۇلاتلار؛ قارلىغاچ ئۇۋىسى؛ يېڭى مېۋە -چىۋە، كۆكتات، تاماكا، ئۇرۇق، كۆچەت ۋە باشقا كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۆسۈملۈك ماتېرىيالى ۋە كۆپ غوللۇق ئۆسۈملۈك بار. بۇنىڭدىن باشقا، جانلىقلار ئەۋرىشكىسى، ھايۋانات تاپى، تۇپراق قاتارلىقلارنىمۇ پوچتا ئارقىلىق چېگرادىن كىرگۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

  ئىستېمالچىلار دۆلەت رەسمىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مەنئى قىلغان بۇيۇملاردىن باشقا توردا چەت ئەلدىن نەرسە سېتىۋالغاندا، سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئېلان قىلغان ئىستېمال توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش سېگنال ئۇچۇرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. تەن خوڭ: توردا چېگرا سىرتىدىن مال سېتىۋىلىشتىن بۇرۇن، دۆلەت سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى تورى ياكى جايلاردىكى چىگرا-پىرىيوم كارانتىن ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىگە چىقىپ، ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سېگنال ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈشى كېرەك، دېدى.

  بۇندىن باشقا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن-نىزامى جەھەتتە پەرق بولغاچقا، چېگرا سىرتىدىن مال سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قىيىن، تۆلەم تەلەپ قىلىش تەس، قايتۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت. تەن خوڭ ئىستېمالچىلار ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلغاندا، چوقۇم سالاھىيىتى بار چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى تاللاشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر