باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭلىق تۆت يىگىتنىڭ تەسىرلىك ئىش–پائالىيىتى دوستلار چەمبىرىكىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى

2016.04.13 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاپرېل كەچ سائەت 6گىچە، «خەلق گېزىتى» ئابونتلار تېرمىنالىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 8– ئاپرېل چۈشتىن كېيىن تارقاتقان «شىنجاڭلىق ياخشى نىيەتلىك تۆت يىگىتنى ئىزدەش» تېمىسىدىكى H5 ھەرىكەتچان سۈرەتلىك خەۋەر تارقىتىلغاندىن بۇيان، 288 مىڭ 722 تورداش قوللاپ «يۈرەك» يوللىغان، 866 پارچە خەت قالدۇرۇلغان.

  بۇ سۈرەتلىك خەۋەردە ئابدۇبىلال ئوسمان، ئىليار ئوسمان، ئىلىياز ئوسمان، ئىلشات ھەسەنجان ئاكا – ئۇكىلارنىڭ 2-ئاينىڭ 23 – كۈنى شاڭخەي - شەنشى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ خېنەندىكى شىنياڭ لوشەن بۆلىكىدە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ۋاڭ ئەپەندى بىر ئائىلە كىشىلىرىنى قۇتقۇزغانلىق ئىش - ئىزلىرى بايان قىلىنغان.

  مۇخبىر تېلىفۇندا «خەلق گېزىتى» يېڭى تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شياۋپېڭ بىلەن ئالاقىلەشكەندە، ئۇ تېلېفوندا مۇنداق دېدى: 8 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن «خەلق گېزىتى» ئابونتلار تېرمىنالى «شىنجاڭلىق ياخشى نىيەتلىك تۆت يىگىتنى ئىزدەش» تېمىسىدىكى H5 ھەرىكەتچان سۈرەتلىك خەۋەرنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، بۇ خەۋەر تېزدىنلا ئۈندىداردىكى دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقالدى، 10 – ئاپرېل سائەت 16 دىن 50 مىنۇت ئۆتكىچە بولغان قىسقىغىنا ئىككى كۈندە قوللاپ «يۈرەك» يوللىغانلارنىڭ سانى 288 مىڭ 722 ئادەمگە يەتتى.

  «خەلق گېزىتى» ئابونتلار تېرمىنالى 8 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن تارقاتقان «شىنجاڭلىق ياخشى نىيەتلىك تۆت يىگىتنى ئىزدەش» تېمىسىدىكى H5 ھەرىكەتچان سۈرەتلىك خەۋەردە، تۆت شىنجاڭلىق يىگىت قىلغان ياخشى ئىشنىڭ پۈتۈن جەريانى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇ ئۇچۇر تارقىلىپلا كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى، كۆپچىلىك شىنجاڭلىق تۆت يىگىتنىڭ ئادەم قۇتقۇزغان ئىش – پائالىيەتلىرىنى بەس – بەس بىلەن مەدھىيەلەشتى.

  ليۇ شياۋپېڭ مۇنداق دېدى: قىسقىغىنا ئىككى كۈندە 280 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قوللاپ «يۈرەك» يوللاپتۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، شىنجاڭلىق تۆت يىگىت بۇ يىل 23 – فېۋرال ئادەم قۇتقۇزغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى ئەينى چاغدا نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈرگەنىدى. ھازىر بىر ئايدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى يەنىلا كىشىنى تەسىرلەندۈرۈپ، تولۇپ تاشقان ئاكتىپ كۈچ تارقىتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنى H5 ھەرىكەتچان سۈرەتلىك خەۋەر شەكلىدە ئىشلەپ، يېڭى تاراتقۇ شەكلىدىن پايدىلىنىپ تارقاتقانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن دوستلار چەمبىرىكىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، H5 ئادەتتىن تاشقىرى تېكىست بەلگە تىلى (5HTML)نى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بەت ئىچىگە رەسىم، ئۇلىنىش، ھەتتا مۇزىكا، پىروگرامما قاتارلىق يېزىقسىز ئېلېمېنتلارنى قوشقىلى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر