باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەرلىك ھۆكۈمەت خىزمەت گۇرۇپپىسى مېخانىزمى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشتى

2016.04.14 15:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۆلكىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك ئىشتاتى سودا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى 11-ئاپرېل نىيۇيوركتا رەسمىي قۇرۇلدى. بۇ 2012-يىلىدىن بۇيان جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدا قۇرۇلغان يەتتىنچى يەرلىك سودا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت قاتلىمىدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  بۇ قېتىم قۇرۇلغان خىزمەت گۇرۇپپىسى بېيجىڭ، شاڭخەي جياڭسۇ، جېجياڭ، جياڭشى، يۈننەندىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە ۋە شەھەرگە چېتىلىدۇ. خىزمەت گۇرۇپپىسى پاكىز تېخنىكا، ھاياتلىق پەنلىرى، ئىلغار ياسىمىچىلىق، خەۋەرلىشىش ۋە تاراتقۇ مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ ھەمدە جۇڭگونىڭ شەھىرى بىلەن نىيۇيورك ئىشتاتىدىكى بارلىق ئون نەچچە ئىقتىسادى تەرەققىيات رايونى شۇنداقلا ئالاقىدار كەسىپلەر ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىدۇ. ئامېرىكا نىيۇيورك ئىشتاتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كاسېي زورھال مۇنداق دېدى: بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرىدۇ ھەمدە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش ۋە ھەمكارلىق پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر