- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ۋېنگىرىيە پارلامېنتى ۋېنگىرىيە-جۇڭگو تۆمۈر يولى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
2016.04.14 15:31 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ۋېنگىرىيە پارلامېنتى 12-ئاپرېل ۋېنگىرىيە بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىمزالىغان ۋېنگىرىيە-سېربىيە تۆمۈر يولى ۋېنگىرىيە بۆلىكىدە ئىش باشلاش، قۇرۇلۇش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. شۇ كۈنى ۋېنگىرىيە پارلامېنتى 123 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، ئالتە ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 45 ئاۋازنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشىدەك نەتىجە بىلەن ئۆتكەن يىلى نويابىر ئىمزالانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋېنگىرىيە-سېربىيە تۆمۈر يولى ۋېنگىرىيە بۆلىكىدە ئىش باشلاش، قۇرۇلۇش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىق كېلىشىمى»نى تەستىقلىدى. بۇ يىل مارتتا، ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ تۆمۈر يولنى ياساش ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىمى ۋە سېتىۋېلىش بەلگىلىمىسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى بۇندىن بۇرۇن ئېلان قىلغان پىلانغا ئاساسەن، ۋېنگىرىيە-سېربىيە تۆمۈر يولىنىڭ ۋېنگىرىيە بۆلىكىدە بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئىش باشلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر