باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ تيەنلى كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن «3-ئاپرېل» زور تاش تورۇس گۆمۈرۈلۈش ھادىسىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2016.04.14 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 13-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ۋە دۆلەت كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى يېقىندا شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى تيەنلى كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن «3-ئاپرېل» زور تاش تورۇس گۆمۈرۈلۈش ھادىسىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان.

  3-ئاپرېل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىنىڭ تيەنلى كۆمۈر كېنىدا بىر قېتىملىق زور تاش تورۇس گۆمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 10 كىشى قازا قىلدى.

  بۇ ۋەقە ئاساسلىقى بىر قانچە مەسىلىنى ئاشكارىلىدى: بىرىنچىسى، كان قۇدۇقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللىگەن؛ ئىككىنچىسى، دۆلەت شاللاشنى ئېنىق قىلىپ بۇيرۇغان ۋە ئىشلىتىشنى چەكلىگەن كان قېزىش ھۈنەر-سەنئىتىنى ئىشلەتكەن؛ ئۈچىنچىسى، قۇدۇققا چۈشكەنلەرنى تىزىملاش قاتتىق بولمىغان؛ تۆتىنچىسى، مەشخۇلاتچى خادىملارغا قارىتا ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇنقى بىخەتەرلىك تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلمىغان، نەقمەيداننىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇشى قالايمىقان بولغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر