باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدە «دولانلىقلار مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش جەمئىيىتى» قۇرۇلدى

2016.04.13 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئاۋات ناھىيەلىك دولان مەدەنىيەت مەيدانىدا «دولانلىقلار مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش جەمئىيىتى»نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، «تۆھپە قوشۇش، دوستلۇق ئورنىتىش، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، ئۆرتاق ئىلگىرىلەش»تەك پىدائىيلار روھىنى جارى قىلدۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

  پىدائىيلار مۇلازىمىتى - ھەق تەلەپ قىلمايدىغان، خالىسانە تۆھپە قوشىدىغان، ئەقىل-پاراسەت، جىسمانىي كۈچ، ئىقتىدار جەھەتتە باشقىلارغا ياردەم بېرىپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان جامائەت پاراۋانلىقى ھەرىكىتى بولۇپ، «دولانلىقلار مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش جەمئىيىتى»نىڭ قۇرۇلۇشى ئاۋات ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىيلىرى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سەمىمىي تۆھپە قوشۇپ، مەدەنىيەت تارقىتىپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا پايدىلىق ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر