- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار پاي چېكى ئوينىسا بولىدۇ، لېكىن يەتتە خىل ھەرىكەت قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ
2016.04.14 13:34 مەنبە: خەلق تورى
88- ماددا: ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ پايدا ئېلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا، قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا، ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلارغا، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ياكى پارتىيە ئىچىدە قالدۇرۇپ كۆزىتىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلارغا، پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ :
(3) پاي چېكى ئېلىپ ساتقانلار ياكى باشقا ئاكسىيەگە مەبلەغ سالغانلار
پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پاي چېكى ئېلىپ سېتىشقا بولامدۇ ؟ مەزكۇر بەلگىلىمىگە ئاساسەن پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پاي چېكى ۋە ئاكسىيە مەبلىغى فوندىنى ئېلىپ سېتىشقا بولىدۇ، لېكىن مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى كېرەك ھەم يەتتە خىل ھەرىكەت قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ:
بىرىنچى، ھوقۇق، ۋەزىپە جەھەتتىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ياكى باشقا ناتوغرا ئۇسسۇللارنى قوللىنىپ، باشقىلاردىن پۇل-مال سوراپ ياكى زورلۇق بىلەن پاي چېكى ئېلىپ ساتقان، باشقىلاردىن پۇل-مال سورىغان ياكى پاي ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش گۇۋاھنامىسىنى ھايىنىغا ساتقانلار؛
ئىككىنچى، ئىچكى ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا پاي چېكى ۋە ئاكسىيە مەبلىغى فوندىنى ئېلىپ-ساتقان ياكى باشقىلارغا پاي چېكى ۋە ئاكسىيە مەبلىغى فوندىنى ئېلىپ-سېتىش تەكلىپىنى بەرگەنلەر؛
ئۈچىنچى، ئېلىپ- سېتىش ياكى باشقىلارنىڭ نامى بىلەن ئىلىكىدە تۇتۇپ، ئۇنى بىۋاسىتە باشقۇرۇش تەۋەلىكى دائىرىسىدىكى پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ پاي چېكى ھېسابىدا ئېلىپ-ساتقانلار؛
تۆتىنچى، ئۆز ئورنىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىنى ئارىيەت ئالغان ياكى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ مەبلىغىنى ئارىيەت ئالغانلار؛ ياكى مەسئۇل دائىرىسىگە قاراشلىق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مەبلىغىنى ئارىيەت ئالغان ياكى خىزمەت ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ مەبلىغىنى ئارىيەت ئېلىپ پاي چېكى ۋە ئاكسىيە مەبلىغى فوندىنى سېتىۋالغانلار؛
بەشىنچى، ئورۇن نامىدا پاي چېكى ۋە ئاكسىيە مەبلىغى فوندىنىدىن مەبلەغ توپلاپ ئېلىپ-ساتقانلار؛
ئالتىنچى، خىزمەت ۋاقتى، خىزمەت ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ پاي چېكى ۋە ئاكسىيە مەبلىغى فوندىنى ئېلىپ ساتقانلار؛
يەتتىنچى، باشقا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى» ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلار.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا سەمىمىي نەسىھەت قىلىپ: باشلىق بولۇش بىلەن باي بولۇش ئىككى يول، باشلىق بولسىڭىز باي بولمەن دېمەڭ، باي بولىمەن دېسىڭىز باشلىق بولماڭ. قائىدە بويىچە، خەلقنىڭ چاكىرى بولۇشنى تاللىسىڭىز، باي بولۇشنى ئويلاشماڭ. ئالاقىدار تۈزۈم تەلىپى بويىچە ئىش بېجىرىش، پاك-دىيانەتلىك بولۇش، ئىنتىزام قىزىل سىزىقىدىن ئۆتمەسلىك كېرەك، دېگەن ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر