باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جى بىڭشۈەن يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنىنى ئۆزگەرتىپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ھۆرمەتلەشنى تەلەپ قىلدى

2016.04.14 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جى بىڭشۈەن 13-ئاپرېل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا خىزمىتى كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيەنىڭ يېزا ئىقتىساد سىياسىتىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەندە «13-بەش يىللىق» تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تولۇق نامايان قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ھۆرمەتلەپ، دېھقانلارنى بېيىتىشتەك سىياسەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  جى بىڭشۈەن يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەندە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە پرىنسىپنى ياخشى تونۇپ ئىگىلەشنى تەلەپ قىلدى: بىرىنچى، يېزا يەرلىرى دۆلەت كوللىكتىپىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇشتەك مۇھىم ئاساسىي پرىنسىپ؛ ئىككىنچى، يېزا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى دېھقانلارغا تەۋە بولۇشتەك تۈپ باشقۇرۇش تۈزۈمى؛ ئۈچىنچى، يېزا يېرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇقنى تەقسىملەش»تەك تەرەققىيات ئەمەلىيىتى؛ تۆتىنچى، يېزا يەرلىرىنىڭ تېرىقچىلىق خاراكتىرىنى ئۆزگەرتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشتەك قاتتىق بەلگىلىمە؛ بەشىنچى، يېزا يەرلىرىنى باشقۇرۇش-ئېچىشتا چوقۇم دېھقانلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشتەك قانۇن يۆنىلىشى؛ ئالتىنچى، يېزا يەرلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىشتە چوقۇم دۆلەتكە پايدا يەتكۈزۈش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىشتەك ئاساسىي تەلەپتىن ئىبارەت. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر