- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرز قىلىشتەك ناچار ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىگە ئائىت 107 دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى
2016.04.14 14:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور پونكىتى 13-ئاپرېل ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرز قىلىشتەك ناچار ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىگە ئائىت 107 دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېلولار مەملىكەت بويىچە 29 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىن 17سى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، 1-ئورۇندا تۇرغان، جياڭسۇدىن ئالتىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇپ قىلىنىپ، 2-ئورۇندا تۇرغان، گەنسۇ، تيەنجىن، ئەنخۇي، شەندۇڭدىن بەشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، تەڭ 3-ئورۇندا تۇرغان.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېلولار ئارىسىدا «دۆلەتنىڭ تولۇقلىما پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش»، «كىشىنىڭ نامىدا ئاشلىق بىۋاسىتە تولۇقلىمىسىنى ئېلىپ كېتىش»، «يەر تولۇقلىما پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش»، «مەخسۇس تۈر تولۇقلىما مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ شەخسىي بۆلۈۋېلىش» قاتارلىق خەلقنىڭ تولۇقلىمىسىنى ئىشلىتىۋالغان دېلودىن 58سى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېلونىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر