باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىلى 3-ئايدىكى مەملىكەت بويىچە قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەللىك ئومۇمىي ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

2016.04.13 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى 3-ئايدا ( 2016-يىلى 1-مارت سائەت 24 تىن 31-مارت سائەت 24 كېچە)، مەملىكەت بويىچە ( شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) دوكلات قىلىنغان قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغانلار 575 مىڭ 400 ئادەم بولۇپ، 1544 ئادەم قازا قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللەردىن چۇما، خولېرا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، قازا قىلغانلار يوق ئىكەن. B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن تارقىلىشچان سارس، يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى، ئادەمگە تېز يۇقىدىغان قۇش زۇكىمى ۋە بوغما كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلار، قازا قىلغانلار يوق ئىكەن. قالغان 22 تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك بىلەن كېسەل بولغانلار 331 مىڭ 932 ئادەم بولۇپ، 1522 ئادەم قازا قىلغان.

  دوكلاتتا مەلۇم قىلىنغان يۇقۇملۇق كېسەللىك پەيدا بولۇش سانىدا ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرىدىغان كېسەللىكلەر تەرتىپ بويىچە ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، ئۆپكە سىلى، سىفلىس، سۆزنەك ۋە باكتېرىيەلىك ئاميوبالىق تولغاق بولۇپ، دوكلات قىلىنغان Bتۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئومۇمىي سانىنىڭ % 93 نى ئىگىلىگەن .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر