باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن: نۆۋەتتە يېرىم ئارالنىڭ ۋەزىيىتىدە سۆزلىشىش كەيپىياتى ھازىرلانمىدى

2016.04.14 15:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: نۆۋەتتە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىدە سۆزلىشىش كەيپىياتى ھازىرلانمىدى، چاۋشيەن بۇنىڭدىن بۇرۇن تىلغا ئالغان يادرو سىنىقىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنىڭ رونىغا ئامېرىكا بىلەن كورېيەنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى ئالماشتۇرۇش ھەققىدىكى قارارى كۈچتىن قالدى. باياناتچى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا يادرو ئۇرۇشى ئىغۋاگەرچىلىكى قىلىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى تېگىپ كەتسىلا پارتلايدىغان ئۇرۇش خەتىرىگە پاتۇرۇپ قويدى، ھازىرقى يېرىم ئارالنىڭ ۋەزىيىتىدە سۆزلىشىش كەيپىياتى يوق. بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: سۆزلىشىش ئالاقىدار دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغان ۋە باراۋەر بولغان شەرت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، چاۋشيەن سۆزلىشىشكە قارشى تۇرمايدۇ، لېكىن باراۋەرسىز سۆھبەتكە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر