باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«يايلاق بۈركۈتى 2016» كۆپ دۆلەت تىنچلىقنى ساقلاش ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى

2016.04.14 15:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يايلاق بۈركۈتى 2016» ناملىق كۆپ دۆلەت تىنچلىق ساقلاش ھەربىي مانېۋىرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى 11-ئاپرېل قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىدىكى بىر ھەربىي مەشىق بازىسىدا باشلاندى. قازاقىستان، ئامېرىكا، ئەنگلىيەنىڭ ھەربىيلىرى مانېۋىرغا قاتناشتى.

  «يايلاق بۈركۈتى 2016» ناملىق كۆپ دۆلەت تىنچلىق ساقلاش ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇ چاغدا قازاقىستان ئالاھىدە قىسىمنىڭ 250 ئەسكىرىنى مانېۋىرغا قاتناشتۇرىدۇ.

  «يايلاق بۈركۈتى» ناملىق كۆپ دۆلەت تىنچلىق ساقلاش ھەربىي مانېۋىرى 2003-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن قازاقىستان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى پىلانى رامكىسى ئاستىدا يولغا قويغان ھەربىي ھەمكارلىق تۈرى. «يايلاق بۈركۈتى» ھەربىي مانېۋىرى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. مانېۋىر نامىنىڭ «يايلاق بۈركۈتى» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب بۈركۈتنى قازاقلار باتۇرلۇق ۋە ئىپتىخارلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر