خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى ، فوتوسى) چەرچەن ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، 9-ئاپرېلدىن 13-ئاپرېلغىچە، كورلا شەھەرلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ بەش مۇتەخەسسىسى چەرچەن ناھىيەسىگە كېلىپ، 380 نەپەر كۆز كېسىلى بىمارىنى تەكشۈرۈپ، ئوپېراتسىيە قىلىشقا تېگىشلىك 50 بىمارنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۇلارنى قايتا يورۇقلۇققا ئېرىشتۈردى.
تۇرا چارۋىچىلىق فېرمىسىدىن كەلگەن دېمىن ئىمىن مۇنداق دېدى: مەن بۇيىل 67 ياشقا كىردىم، كۆزۈمگە ئاق چۈشۈپ قالغىلى ئىككى يىلغا يېقىن بوپقالغان بولۇپ، يول يۈرۈش ۋە تۇرمۇشتا بەك قىينالغان ئىدىم، ئۆزۈم باشقا چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئائىلە ئىقتىسادىم تۈپەيلىدىن بارالمىغان ئىدىم. بۇ قېتىم ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ ياردىمىدە كۆزۈمنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ قايتا يورۇقلۇققا ئېرىشتىم، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىز چارۋىچىلارغا قىلغان غەمخورلۇقىغا كۆپ رەھمەت .
سۈرەتتە: مۇتەخەسسىسلەر بىمارنىڭ كۆزىنى تەكشۈرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى