باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ چوڭ تىپتىكى قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى ياپونىيە دېڭىزىدا مانېۋىر ئۆتكۈزدى

2016.04.14 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە شەرقىي ھەربىي رايونى ئاخبارات باشقارمىسى 13-ئاپرېل ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە شەرقىي ھەربىي رايونىغا قاراشلىق چوڭ تىپتىكى قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى مۇشۇ ھەپتىدە ياپونىيە دېڭىزىدا ئۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: مانېۋىر ئىككى باسقۇچ بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بىرىنچى باسقۇچتا چوڭ تىپتىكى قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى ئۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تاماملايدۇ ھەمدە بېكىتىلگەن ئۇرۇش مانېۋىرى رايونىغا بارىدۇ. سەپەر جەريانىدا باشقا ئۇرۇش پاراخوتلىرى قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتىنى قوغدايدۇ، ھەمدە تەسەۋۋۇردىكى دۈشمەننىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچتا چوڭ تىپتىكى قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتىغا يەر يۈزى قىسمى ئەسكەرلىرى چىققان ۋە قورال-جابدۇقلار قاچىلانغاندىن كېيىن، تەسەۋۋۇردىكى دۈشمەننىڭ مىنا ئورۇنلاشتۇرغان سۇ ساھىلىدىن بۆسۈپ ئۆتىدۇ، تەسەۋۋۇردىكى دۈشمەننىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرىدۇ ھەمدە تەسەۋۋۇردىكى دۈشمەننىڭ قىرغاق مۇداپىئە ئوت كۈچىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، قۇرۇقلۇققا غەلىبىلىك چىقىپ ئۇرۇش قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر