- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىۋېيتسارىيە جۇڭگونىڭ توققۇز شەھىرىدە ۋىزا بېجىرىش مەركىزىنى كۆپەيتىدۇ
2016.04.14 15:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىۋېيتسارىيە ساياھەت ئىدارىسى 12-ئاپرېل مۇنۇلارنى جاكارلىدى: شىۋېيتسارىيە بۇ يىلنىڭ بېشىدا جۇڭگونىڭ شېنياڭ، ۋۇخەن ۋە چېڭدۇ شەھەرلىرىدە ئۈچ ۋىزا مەركىزى قۇردى، بۇ يىل يازدا يەنە خاڭجۇ قاتارلىق باشقا توققۇز شەھەردە شىۋېيتسارىيەنىڭ ۋىزا مەركىزى تەسىس قىلىدۇ. شىۋېيتسارىيە ساياھەت ئىدارىسى شۇ كۈنى لوزاندا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان بۇ توققۇز ۋىزا مەركىزى خاڭجۇ، نەنجىڭ، چۇڭچىڭ، چاڭشا، شيامېن، شېنجېن، كۈنمىڭ، جىنەن ۋە شىئەندە تەسىس قىلىنىدۇ. بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە گۇاڭجۇدىكى شىۋېيتسارىيە ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسىنى قوشقاندا كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ 15 شەھىرىدە شىۋېيتسارىيەنىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى بېجىرگىلى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر