باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گوللاندىيە 1890-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى پادىشاھ بايرىمىنى كۈتۈۋالدى(2)

2014.04.29 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇچىسىغا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغان، بېشىغا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك نەرسىلەرنى تاقىۋالغان مىڭلىغان كىشىلەر ئامىستېردام دەرياسى بويىدا بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتىپ بىر تەرەپتىن ئۇسۇل ئويناپ تەنتەنە قىلدى ۋە بۇ ئارقىلىق 100 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق پادىشاھ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  پادىشاھ بايرىمىنىڭ ئالدىدا گوللاندىيەدىكى ھەر قايسى يەرلىك تاراتقۇلار ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدىكى پادىشاھنىڭ ئوبرازىغا قارىتا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، تەخمىنەن %74 تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغۇچى ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھقا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  پادىشاھ بايرىمى كۈنى گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورگىنى ئالاقە تورىدا گوللاندىيە خان جەمەتى ئالاقە تور بېكىتى سۇپىسى تەسىس قىلدى. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ قارىشىچە، گوللاندىيە خان جەمەتىدە ھازىر تىنچ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، گوللاندىيەنىڭ سابىق پادىشاھى بىترىكىس ھازىرغا قەدەر خەلق ئاممىسىنىڭ ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى پەقەتلا قايتۇرۇپ باقمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يانفون ئىشلەتكىنىگىمۇ تېخى ئەمدى ئالتە يىل بولغان. بىراق 46 ياشلىق ھازىرقى پادىشاھ ۋىليام ئالېكساندر تەختكە چىققاندىن كېيىن، كىشىلەر خان جەمەتىدە ئالما يانفونى (IPHONE) ۋە IPAD ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنى بايقىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر