باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى مۇھىت ئاسراش قانۇنىدا سەككىز خىل قىلمىش كۆرۈلگەندە يەرلىك رەھبەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش تۈپەيلىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەك دەپ بەلگىلەندى

2014.04.30 19:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-سانلىق يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى» ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، بۇ مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ 25 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم چوڭ تۈزىتىلىشى ھېسابلىنىدۇ، بۇ يېڭى قانۇن 2015-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  يېڭى مۇھىت ئاسراش قانۇنىدا ئەسلىدىكى 47 ماددا 70 ماددىغا كۆپەيتىلدى، «ئۆزگەرتىشنى رەت قىلغان بۇلغىما قويۇپ بەرگۈچى كارخانىغا قارىتا كۈن بويىچە جازا ھېسابلاشنى يولغا قويۇش»، «قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش تەدبىرى قوللىنىش»، «ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغاندا ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش تۈپەيلىدىن ئىستېپا بېرىش» قاتارلىق مەزمۇنلار قوشۇلدى، مۇتەخەسسىسلەر بۇنى «تارىختىكى ئەڭ قاتتىق مۇھىت ئاسراش قانۇنى» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى مۇھىت ئاسراش قانۇنىدا «ئۇچۇر ئاشكارىلاش ۋە ئامىنىڭ قاتنىشىشى» ناملىق مەخسۇس باب قوشۇلدى، قايتا-قايتا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، «جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى دەۋا سۇبيېكتى»نىڭ دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، رايون بار شەھەردىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىمۇ ئۆز ئىچىدە ئالدى.

  يېڭى مۇھىت ئاسراش قانۇنىدا «يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇھىت سۈپىتىگە مەسئۇل بولىدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. 68-ماددىسىدا «مەمۇرىي ئىجازەت شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارغا مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش»، «مۇھىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىش»، «قانۇن بويىچە تىجارەتنى توختىتىش، تاقاش قارارى چىقىرىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قارار چىقارماسلىق»، «تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆزگەرتىش، يالغاندىن ياساش ياكى ئۆزگەرتكۈزۈش، يالغاندىن ياساتقۇزۇش»، «مۇھىت ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك بولسىمۇ ئاشكارىلىماسلىق» قاتارلىق سەككىز خىل قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىك-باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش تۈپەيلىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر