- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
سوغۇق ھاۋارايىدا شىنجاڭدىكى 500مىڭغا يېقىن كىشى ئاپەتكە ئۇچرىدى
2014.04.28 08:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
23-ئاپرېلدىن 25-ئاپرىلغىچە بولغان قار يامغۇر،بوران، چاڭ توزان ۋە سوغۇق ھاۋارايىدا شىنجاڭدىكى 12 ۋىلايەت ئوبلاست شەھەر، 45ناھىيە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەننىڭ 10 دىۋىزىيىسى، 61 پولىك، مەيداندىكى 500مىڭغا يېقىن كىشى ئاپەتكە ئۇچرىدى، ئىككى ئادەم قازا قىلدى، ئۈچ ئادەم يوقاپ كەتتى، 30مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا جىددىي يارەدم بېرىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، 600 ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى، 3000ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتتى. 219گېكتار يەردىكى دېھقانچىلىق زىرائەت ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىدى، ئۇنىڭ ئىچىدە 15.8گېكتار يەرنىڭ ھوسۇلى يوق بولدى. دەسلەپكى مەلۇماتقا قارىغاندا بىۋاسىتە ئىقتىسادى زىيان 1مىليارد 190مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋاقتىدا ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا بېرىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەشكىللەپ، ئاپەت زىيىنى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگە ھەمدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ۋە ماددىي-ئەشيانى ۋاقتىدا تارقاتقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر