باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا بايرىمى قارامايدا باشلاندى

2014.04.29 16:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يېڭىلىق يارىتىش ، ئۆگىنىش ، ئۆسۈپ يېتىلىش ـــ جۇڭگو ئارزۇسى ، پەن-تېخنىكا ئارزۇسى ، ياشلىق ئارزۇسى» باش تېما قىلىنغان ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا بايرىمى 28-ئاپرېل قاراماي شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان پائالىيەتتە بېيجىڭ ، فۇجيەن ، تەيۋەن قاتارلىق 10 ئۆلكە ، شەھەر ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 15 ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەر ، شۇنداقلا مالەن رايونى ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن كەلگەن 1900 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ياشلار-ئۆسمۈرلەر ، پەن-تېخنىكا يېتەكچىلىرى ، ئەزىز مېھمانلار ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ ، دوستلۇق ئورنىتىدۇ .

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا بايرىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە سۆز قىلدى . جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ، يادرو فىزىكىسى ئالىمى ، مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارتىىش مۇسابىقىسى باھالاش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ نەييەن سۆز قىلدى .

  باشلىنىش مۇراسىمىدا تەشكىلىي كومىتېت ئاپتونوم رايوننىڭ 3-نۆۋەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋەكىللەرگە گۇۋاھنامە ۋە مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلدى . بۇ مۇكاپات تۈرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتىدىكى ئەڭ ئالىي شەرەپ ھېسابلىنىدۇ ، ھەر يىلى بىر قېتىم باھالاپ چىقىلىدىغان بولۇپ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا بايرىمىدىكى تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ھەر مىللەت ياشلار-ئۆسمۈرلىرىگە ۋە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان پەن-تېخنىكا يېتەكچىلىرى ، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى مۇكاپاتلايدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر