باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شىنجاڭدا داۋاملىق خىزمەت تەكشۈردى

2014.04.30 23:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈرۈۋاتقان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ مىۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە كەلدى، كۆرگەزمە زالىغا تۈرلۈك قۇرۇق مېۋىلەر قويۇلغان ئىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن قۇرۇق مېۋىلەرنى تېتىپ كۆرۈپ، گۇلىنىڭ تەمى ئۆزگىچە ئىكەن، چىلاننىڭ تەمى ياخشى ئىكەن، دېدى. ئۇ بىر بولاق خوتەن چوڭ چىلىنىنىڭ باھاسىنىڭ 190 يۈەن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، پۇقرالار بۇنىڭدىن قانچىلىق پايدا ئالالايدۇ دەپ سورىدى. شى جىنپىڭ كارخانا ئېلېكتىرون سودا تىجارەت مەركىزىگە كەلدى. ئۇ شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تور ئىچى سىرتىنى بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مال ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مېۋىچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ كارخانا خادىملىرىغا مۇنداق دېدى: ئوبوروت كارخانىلىرىنى ئوبدان باشقۇرۇش كەسىپ تەرەققىياتىدا ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ، سىلەرنىڭ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى، ئالاھىدە بايلىقىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ 29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن يامغۇرغا قارىماي شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يىنفېڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتىگە كەلدى. لاپاس ئىچىگە نۇرغۇن يېزا ئىگىلىكى ماشىنىلىرى رەتلىك قويۇلغان ئىدى. شى جىنپىڭ بىر تۈجۈپىلىك سېيالكا ئالدىدا ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان تەتقىق قىلىپ ياسىغۇچى چېن شۆگېڭنىڭ ئەمدىلا قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: قەھرىماننىڭ قەيەردىن چىقىشى مۇھىم ئەمەس كىمنىڭ قەھرىمان ئىكەنلىكىنى ئۇرۇش مەيدانىدا كۆرگىلى بولىدۇ. شى جىنپىڭ بىڭتۇەن 6-دىۋىزىيەسىدىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى يېزا ئىگىلىكى مەيدانىدا سەنشىنىڭ لۈياڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر ما شياۋجۈننىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ ئۇنىڭ «ۋەتەننى سۆيۈش، خالىس تۆھپە قوشۇش، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك يارىتىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش»تەك بىڭتۇەن روھى بىلەن لۈ لياڭ روھىنى بىرلەشتۈرۈپ ۋە نۇرلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىغا ئىلھام بەردى. شى جىنپىڭ 29-ئاپرېل ئوتۇنكوزا شەھىرىدە بىڭتۇەننىڭ سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: تارىختا چىن شىخۇاڭ دەۋرىدىن كېيىنكى ھەرقايسى سۇلالىلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنى چېگرا رايوننى ئېچىش، چېگرا مۇداپىئەسىنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلغان. شىنجاڭ رايونىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پائالىيىتى خەن ۋۇدى زامانىدا باشلانغان. 2 مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنى گۈللەندۈرۈش، غەربى رايوننى گۈللەندۈرگەنلىك. بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بىكار قىلىنسا، غەربىي رايون قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىڭتۇەننىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ھەرگىزمۇ ۋاقىتلىق تەدبىر ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان. يېڭى ۋەزىيەتتە بىڭتۇەن خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. بىڭتۇەننى چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرغۇچقا، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئۈلگىلىك رايونىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. 29-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە دىۋىزىيەسىنىڭ دىۋىزىيە تارىخى موزىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ھەر بىر ئەمەلىي بۇيۇم، ھەر بىر سۆرەتتە شەنشى، گەنسۇ بازىسىنى قۇرغان قەھرىمان قىسىمنىڭ جەڭگىۋار تارىخى مۇساپىسى نامايان قىلىنغان ئىدى. شى جىنپىڭ قىسىمدىكى رەھبەرلەرگە قىزىل گېننى ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنىڭ قېنىغا سىڭدۈرۈپ، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تارقىتىشنى تاپىلىدى. شى جىنپىڭ يەنە يامغۇرغا قارىماي ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال مەشىق مەيدانىغا بېرىپ، قىسمەن قوراللارنىڭ راست ئوق ئېتىشى قاتارلىق ئەمەلىي ئۇرۇش مانېۋىرىنى كۆردى. ئۇ ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنىڭ قاتتىق، جاپالىق مانېۋىردا ئىپادىلىگەن قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىدىغان ساپاسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە مانېۋىرى ناھايىتى ياخشى بولدى، دەپ ماختىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر