باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۇڭچىڭدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2014.04.30 23:52   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۇڭچىڭدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش مىنىستىر لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۇڭچىڭدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئالتۇن سۇ يولىغا چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلەشنى تەتقىق قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي مۇلاھىزىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك پىلاننى دوكلات قىلدى. شاڭخەي، جياڭسۇ قاتارلىق چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى قاپلىغان 11ئۆلكە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇللىرى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىش تەپەككۇرى ۋە تەكلىپىنى دوكلات قىلدى. لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن بىرگە قىزغىن مۇنازىرە قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: چاڭجياڭ دەرياسى دېلتا رايونى ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم بىر تەرەپ، ئوتتۇرا غەربىي قىسىم ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئايلانما ئورۇنغا ئىگە. چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىشتا دېڭىز بويى بىلەن ئوتتۇرا غەربىي قىسىم ئۆز-ئارا قوللايدىغان، ئۆز-ئارا تېرەك بولىدىغان يېڭى ئەندىزە بەرپا قىلىش كېرەك، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بىر تۈركۈم زور قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى، چاڭجياڭ دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىندىكى شەھەرلەر توپى ۋە چېڭدۇ، چۇڭچىڭ ئىقتىساد رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكنىڭ كەسىپ ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، مۇھىم ئامىللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، بازارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، كەسىپنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشى، كەسىپ دەرىجىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە يېڭىچە شەھەر بازار توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت زېمىنىنىڭ بەشتىن بىرىگە ، تەخمىنەن 600مىليون ئادەمگە بىۋاسىتە تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ مال تىرانسپورت مىقدارى يەر شارىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، يەنىلا ناھايىتى زور يوشۇرۇن كۈچى بار. سۇ تىرانسپورت تەننەرخى تۆۋەن بولۇش، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئاز بولۇشتەك رىقابەت ئەۋزەللىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سۇ يولى لېيىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، سۇ يولى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ پاراخوت ياساشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى تىرانسپورت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسىدىكى مۇھىم پورتلارنى تۈگۈن قىلىپ، سۇ تىرانسپورتى، تۆمۈر يول، تاشيول، ئاۋىياتسىيە ، نېفىت تەبىئىي گازنى تۇرۇبا تورىنى يېغىش، تارقىتىش، تۇشۇش سىستېما قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تورلاشقان، ئۆلچەملەشكەن، ئەقىلىي ئىقتىدارلاشقان ئۇنىۋېرسال سترولۇق تىرانسپورت كارىدورى بەرپا قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ تومۇرنىڭ تەسىر كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كەڭ دائىرىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك، ئىلىمىي تەرەققىي قىلىش تەلىپى بويىچە،تەرەققىيات بىلەن ئاسراشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، كەسىپ يۆتكىلىشى ئېلىپ كەلگەن بۇلغىما يۆتكىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى تۈزەش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق رايوننىڭ سۇ تۇپراقنى ئېقىتىپ كېتىشنى تۈزەش ۋە ئاسراشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. پۈتۈن ۋادىدا قاتتىق سۇ بايلىقى ۋە سۇ ئېكولوگىيە مۇھىتىنى قوغداش قاتتىق تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىپ، سۇ سۈپىتىنى مۇقىم قەدەمدە ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ پاكىز سۈيىدىن مەڭگۈ پايدىلىنىپ، يېشىل ئېكولوگىيە يېڭى يولىدا مېڭىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى: نۆۋەتتە ھوقۇق-پۇل سودىسى ئا…
      ·مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى قايتا تەكشۈرۈلىدۇ، ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قى…
      ·يېڭى نۆۋەتلىك مەجبۇرىي مائارىپ دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش داۋاملىق ئورۇندالماقتا يېڭى بىر تۈركۈمدى…
      ·2014-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىش توغرىسىدىكى ئېت…
      ·گوۋۇيۈەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى  مەخسۇس تەكشۈردى…
      ·شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايوف بىلەن سۆھبەتلەشتى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان پرېزدېنتى نەزەربايىف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسى تەتقىق قىلىنىش تۈزۈلۈش مۇكەممەللەشتۈ…