خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي شاڭخەيدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-چېسلا شاڭخەيدە قازاقىستاننىڭ زۇڭتۇڭى نەزەربايوف بىلەن سۆھبەتلەشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپ سودا-ئىقتىساد ھەمكارلىقى جەريانىدىكى ئۇزاق مۇددەت تەرەققىيات پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئىككى تەرەپلىك سودا-ئىقتىساد ۋە مەبلەغ كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»كە، زەھەر چەكلەشكە، تور ئۇچۇرلىرى بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋە رايونلار ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان، جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.
نەزەربايوف مۇنۇلانى بىلدۈردى: قازاقىستان يىپەك يولى ئىقتىساد قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ، ئىقتىساد-سودا، قاتناش ۋە چېگرا پورتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولىدۇ. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خىرىس ۋە تەھدىتلەرگە ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇشنى خالايدۇ.ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشمە خىتابنامىسى»غا بىرلىكتە ئىمزا قويدى ھەم ئېنېرگىيە، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھۆججەتلەرنى ئىمزالاشقا شاھىد بولدى. (دۇ شاڭزې، خاۋ خۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى