باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رۇسىيە مۇتەخەسسىسى: ئۇكرائىنا ئىچكى ئۇرۇشى 5-ئاينىڭ 26-،27-كۈنلىرى پارتلىشى مۇمكىن

2014.04.30 19:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: رۇسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە مۇنداق دېيىلدى، رۇسىيە دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى كومىتېتى تەتقىقات ۋە پىلان بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىمىترىي سۇسلوۋ سەيشەنبە كۈنى رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئۆتكۈزگەن يىغىندا، ئۇكرائىنا ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-، 27-كۈنلىرى پارتلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: « ئۇكرائىنا ئىچكى ئۇرۇشى 5-ئاينىڭ 26-، 27-كۈنلىرى پارتلىشى مۇمكىن، چۈنكى فېدېراتسىيەلىشىشنى قوللىغۇچىلار تەبىئىيكى ھېچ يەرگە كەتمەيدۇ. روشەنكى، ئۇلار ئۇكرائىنا ئاساسىي قانۇنىغا يۈزەكى تۈزىتىش كىرگۈزۈش بىلەنلا قانائەتلەنمەيدۇ، بۇ ماھىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ۋە ئۇكرائىنا ئىچكى قىسىم مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ». (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر