باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى: قوبۇل قىلىش سانىنىڭ ئازايتىلىشى مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب

2014.04.30 19:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى ئىمتىھانلىق قوبۇللاش مەھكىمىسى ھازىرغا قەدەر 2014-يىللىق مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان بېيجىڭ، سەنشى، گۇاڭشى، چۇڭچىڭ قاتارلىق 21 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دىكى ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئەھۋالىنى جەملەپ، شۇ جايلارنىڭ 2013-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ يىل مەزكۇر 21 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دە مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ 360 مىڭ ئازايغانلىقىنى بايقىدى.

  بىر قىسىم جايلاردا مەمۇر قوبۇللاشتا كۆرۈلگەن بەزى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى ئىمتىھانلىق قوبۇللاش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەمۇر قوبۇللاش كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ھەر يىلىدىكى رىقابەت نىسبىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشى نورمال ئەھۋال، ئومۇمەن ئېيتقاندا، 2014-يىلى ئاز بىر قىسىم جايلاردا ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلار ۋە تىزىمى ئېتىراپلانغانلار سانىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، يەرلىك مەمۇر قوبۇللاش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن نورمال بولدى.

  قىسمەن جايلارنىڭ قوبۇللاش پىلانىنى قىسقارتقانلىقى ۋە تىزىملاتقانلارنىڭ ئازىيىشىنى كۆپ خىل ئامىللار بىرلىكتە كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  ئىستاتىستىكا نەتىجىسىدىن قارىغاندا، 2014-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 15 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) قوبۇللاش پىلانىنى قىسقارتقان، مەركەزنىڭ «مالىيە باقىدىغانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى ئازايتىشقىلا بولىدۇكى، كۆپەيتىشكە بولمايدۇ» دېگەن تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جايلار قوبۇللاش كۆلىمىنى قاتتىق كونتىرول قىلىپ، قوبۇللاش پىلانىنى قىسقارتقان. ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپپارات ئىسلاھاتىمۇ مەمۇر قوبۇللاش خىزمىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. 17 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ئېتىراپلانغان تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ئازىيىشى جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى، قوبۇللاش پىلانىنىڭ قىسقارتىلىشى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر