- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدىكى تۇنجى ياشانغانلار پەرۋىشكارلىرىنى تەربىيەلەش بازىسىغا ۋېۋىسكا ئېسىلدى
2014.04.26 01:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى تۇنجى ياشانغانلار پەرۋىشكارلىرىنى تەربىيەلەش بازىسى — «قاراماي ياشانغانلار مەھەللىسى»گە يېقىندا ۋېۋىسكا ئېسىلىپ، تۇنجى تۈركۈم پەرۋىشكارلار تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلانغان.
ئىگىلىنىشىچە ، شىنجاڭدىكى ياشانغانلارنىڭ نوپۇسى 2012-يىلىنىڭ ئاخىرى 2 مىليون 404 مىڭ 800 گە يېتىپ ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %10.93 ىنى ئىگىلىگەن. ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ، يالغۇز قالغان ياشانغانلار كۆپەيگەچكە ، جەمئىيەت ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان كەسىپكە ئېھتىياجلىق بولغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ خىل ئېھتىياجنى قامداش ئۈچۈن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا قاراماي شەھىرىدە ياشانغانلار پەرۋىشكارلىرىنى تەربىيەلەش ۋە كەسپىي تېخنىكىنى تەكشۈرۈش سىناق نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، تۈرلۈك شارائىتلار ھازىرلانغاندىن كېيىن ، 17-ئاپرېل قاراماي «ياشانغانلار مەھەللىسى»گە ۋېۋىسكا ئېسىلغان . ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى تۈركۈمدىكى پەرۋىشكارلار تەربىيەلىنىپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كەسپىي تېخنىكا تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش مەركىزى تارقاتقان ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر