باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جاڭ دېجياڭ ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2014.04.26 00:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 24-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى كۆپ پارتىيە رەھبىرى كانتو باشچىلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ كانتو بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ گائاگا يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدىكى ئۇچرىشىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. يېڭى ۋەزىيەتتە ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۈ چ بىرلەشمە ئاخباراتى پرىنسىپى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي پرىنسىپى ئاساسىدا سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىختىلاپنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى لازىم.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ.دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ئىرادىسى تەۋرەنمەيدۇ. ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ جۇڭگوغا كۆپ قېتىم كېلىپ،ئۆز ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىجابىي رول ئوينىشىنى قارشى ئالىمەن.

  كانتو مۇنۇلارنى بىلدۈردى:ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، بىرلىكتە گۈللىنىش ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى. لى كېچياڭ جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى شەرھلىدى.

  جاڭ دېجياڭ كانتو بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىنى كۈچەيتىشى،جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنتى ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئالاقە سۆزلىشىشنى كۈچەيتىشى ئورتاق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش،خاتا چۈشىنىشنى ئازايتىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا پايدىسى بار. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىجابىي مۇھىم رول ئوينىشى لازىم.

  كانتو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. جۇڭگونىڭ تىز تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقىگە پايدىلىق. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ. جاڭ دېجياڭ يەنە ئامېرىكىنىڭ باشقا پارلامېنت ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر