باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سەلبىي تەسىرنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىجابىي ئوبرازىنى تىكلەيلى

ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار كۇنمىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى ئۈستىدە توختالدى

2014.04.25 09:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

لى شىڭ
كۇنمىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ‹‹1 – مارت›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئارقا – ئارقىدىن بۇ ۋەقەنى ئەيىبلىدى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار مۇنداق دېدى: زوراۋان تېررورچىلارنىڭ كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان زوراۋانلىق قىلمىشى ئۇلارنىڭ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىگە زىيان سېلىشتەك بۇنداق قىلمىشىغا دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەت ھەرگىز تاقەت قىلىپ تۇرمايدۇ. كۆپچىلىك يەنە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى چەكلەشتە پائال رول ئويناپ، ھەر بىر كىشىنىڭ گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى قوغداپ ۋە قۇرۇپ چىقىش سېپىگە ئۆزلۈكىدىن قوشۇلۇشىنى مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.
تۇرغۇن مەمەت(باي ناھىيەلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، باي ناھىيەسىنىڭ كانچى يېزىسى 1 – كەنت 6 – مەھەللىسى مەسچىتىنىڭ ئىمامى): كۇنمىڭ شەھىرىدە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى تېلېۋىزوردىن كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندىم. زوراۋان تېررورچىلارنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشى خەنزۇلارغا ياكى مەلۇم مىللەتكە قارىتىلغان ئەمەس، ئۇلار مىللەت، جىنس ئايرىمايدۇ، كۆرگەنلا كىشىنى ئۆلتۈرىدۇ، چاپىدۇ. ئۇلار خۇپىيانە مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ۋاسىتە تاللىمايدۇ. بىز ئۇلاردىن نەپرەتلىنىمىز، شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاممىنىڭ بۇ نۇقتىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىسلام دىنىدا بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا دىنىي ئەھكام يوق، ئىسلام دىنى تىنچلىقنى، ئىتتىپاقلىقنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشنى، بىلىمنى قىزغىن سۆيۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ بىر ئوچۇم زوراۋان تېررورچىلارنىڭ بىگۇناھ كىشىلەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن ئۆلتۈرۈشى شىنجاڭ ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بولسۇن، ھەممىسىگە ناھايىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا ئۇلارنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش، كىشىلەرنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسىنى يەنىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرىمىز.
قۇناپىيا قابىدۇللا(سىياسىي كېڭەش تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، چۆچەك شەھىرىدىكى ئىشان سېيىت مەسچىتىنىڭ ئىمامى): زوراۋانلارنىڭ قىلمىشى ئۇيغۇرلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈردى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تىجارەت قىلىۋاتقان شىنجاڭلىقلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا زور سەلبىي تەسىر كەلتۈردى. بۇ زوراۋان تېررورچىلار ھەر قانداق مىللەت، ھەر قانداق دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
جېلىل ھاپىز(توقسۇ ناھىيەسىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، پەيشەنبە بازار يېزىسى چوڭتوغراق كەنتى مەسچىتىنىڭ ئىمامى): كۇنمىڭ شەھىرىدە زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشىنى سادىر قىلغانلار دىننى بىلمەيدۇ، مېنىڭچە، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى يوق. ئۇلار ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى ئازراق بىلگەن بولسا، بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرمىگەن بولاتتى. ‹‹قۇرئان كەرىم››دە: ‹‹بۇ دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك تىرىكچىلىك قىلغىن، ئۇ دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىلغىن›› دېيىلگەن. بۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىغا مەدەت بېرىلگەن. بۇ يىل 68 ياشقا كىردىم، كىچىك چاغلىرىمىزدا پاختىنى پىلتە قىلغان جىن چىراغلارنى ئىشلىتەتتۇق. ئىلگىرى ئاتام ماڭا ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە پىيادە 30 كۈندە ئاران يېتىپ بارغانلىقىنى ئېيتقان، ھازىر ئايروپىلان بىلەن بىرەر سائەتتىلا يېتىپ بارىمىز؛ ئىلگىرى قارا ئاشلىق يەيتتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قورسىقىمىزمۇ تويمايتتى، ھازىر پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەم، شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. شۇڭا تارىخ بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ياشلارغا ئىلگىرى قانداق كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىمىزنى، بۈگۈنكى تەستە قولغا كەلگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى كىمنىڭ بىزگە يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىشىمىز كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: مۇسۇلمانلار مۇنداق ئىككى نەرسىنى قەدىرلىشى كېرەك، بىرى تىنچلىق، يەنە بىرى، ساغلاملىق، دېگەن. بۇ يەردە ئېيتىلغان تىنچلىق جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىكى ئىناق، مۇقىملىقنى كۆرسىتىدۇ. ساغلاملىق ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
ئىكرام ئەنۋەر(ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، بۇلاقتاغ رايونى سېغىزدۆڭ مەسچىتىنىڭ خاتىپى): ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››لەرنىڭ قىلمىشى ‹‹قۇرئان كەرىم››دە ياكى قانۇندا بولسۇن، ھەممىسىدىلا چەكلىنىدۇ. زوراۋان تېررورچىلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ ئىشلىرىدىن ئىنتايىن غەزەپلەندۇق، بىر سېسىق ئالما ھەممىنى سېسىتىدۇ، دېگەن گەپ بار. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا ‹‹قۇرئان››نى تەفسىر قىلغاندا، كۆپ قېتىم ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››لەرنىڭ شىنجاڭغا كەلتۈرگەن خەۋپىنى تەكىتلىدىم. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› لەرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ بىر ئوچۇم زوراۋان تېررورچىلار جەمئىيەتنىڭ داشقاللىرى، ئۇلارنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرى ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىگە مۇخالىپ، ئۇلار ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرى ئەمەس. بۇ زوراۋان تېررورچىلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى مىللەت، دىن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر