- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2014-يىلى دۆلەت يېزا ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ
2014.04.26 01:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
2014-يىلى دۆلەت يېزا ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا مەدەت بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 2014-يىلى مەركەز مالىيەسى ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا داۋاملىق بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىدۇ، تولۇقلىما مەبلىغىنى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا تارقىتىپ بېرىش تەلەپ قىلىندى، كونكرېت تارقىتىش تەدبىرىنى ھەر ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىدۇ. 2014-يىلى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىقچىلىق تولۇقلىمىسى سىياسىتى شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، پاختا، شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇلدا پۇرچاق، شىزاڭدا يالىڭاچ ئارپا قاتارلىقلارنى قاپلايدۇ ھەمدە ياڭيۇ بىلەن خۇاسىڭنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا سىناق قىلىنىشقا باشلىدى. 2014-يىلى دۆلەت چارۋىچىلىقتا ئەلا نەسىل تولۇقلىما سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ. 2014-يىلى دۆلەت چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ كۆلەملىك بېقىشنى داۋاملىق قوللايدۇ. يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، كالا، قوي گۆشى قاتارلىق ئۆزگىچە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 2011-يىلىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەي، سىچۈەن، گەنسۇ، نىڭشيا ۋە يۈننەن قاتارلىق سەككىز ئاساسلىق يايلاق ۋە چارۋىچىلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورناتتى. 2014-يىلى دۆلەت 13 ئۆلكە، رايوندا يايلاق ئىكىلوگيىسىنى قوغداش تولۇقلىما مۇكاپات سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ. ئېلىمىزنىڭ سۈت ئىشلەپچىقىرىش ۋە سۈپەت بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن 2012-يىلىدىن باشلاپ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقى «سۈتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش بېدىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى» يولغا قويدى، مەركەز مالىيەسى ھەر يىلى 300 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ئەلا سۈپەتلىك بېدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى قوللىدى، رايون قۇرۇلۇشى 3000 مونى بىرلىك قىلىپ، بىر قېتىمدىلا ھەر موسىغا 600 يۈەندىن 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بەردى، نۇقتىلىق ھالدا بېدىنى سورتلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىش، ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە بېدە سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. 2014-يىلى «سۈتچىلىكنى گۈللەندۈرۈپ بېدىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتى» داۋاملىق يولغا قويىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر