باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادى يەنىلا مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشمەكتە

2014.04.26 01:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى فەن جيەنپىڭ 24-ئاپرېل مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادى يەنىلا مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشمەكتە، 1-پەسىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %7.4 لىك ئېشىش سۈرئىتىگە ئىشىنىشكە بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، پۇل پاخاللىقى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ۋە خەلقئارا كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقىدىن ئىبارەت تۆت تەرەپتىن قارىغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادى يەنىلا مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشمەكتە. بۇرۇنقى پۇل سىياسىتىنى بوشىتىش ۋە مالىيەنى كېڭەيتىش سىياسىتىگە ئاددىيلا تايىنىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل-ئىسلاھات، قۇرۇلما، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى كۆپرەك ئويلىشىش بولدى، بۇنداق سىياسەت، تەدبىرلەر بۇرۇنقى ئۈنۈم بەرگەن ۋاقىتتىنمۇ ئۇزاق ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن، لېكىن ئۈنۈمى كۆرۈلگەن ھامان سىجىللىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، بولۇپمۇ ئىقتىسادنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ قوزغىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىدە ئىقتىسادنى تېخىمۇ ساغلام ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  فەن جيەنپىڭ بەزى كىشىلەرنىڭ 1-پەسىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %7.4 لىك ئېشىش سۈرئىتىگە بولغان گۇمانى ھەققىدە مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ-جۇڭگونىڭ ئىقتىساد قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىك سەۋەبىدىن بولدى. 3-كەسىپنىڭ سانائەتنىڭ ئورنىغا 1-چوڭ كەسىپكە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇرۇنقىدەك سانائەتنىڭ ئېشىشىغىلا تايىنىپ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ، بۇرۇن بىزنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىشى سۈرئىتىنى ئىككىگە بۆلۈپ، ئىككىنى قوشساق ئاساسەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئېشىۋېرىدۇ دەيدىغان بىر ئاددىي ئۇسۇلىمىز بار ئىدى، بۇ كونا ئۇسۇل ھازىر ئاقمايدۇ، بىز بۇ كونا ئۇسۇل بىلەن ھېسابلىساق، 1-پەسىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پەقەت %7.2، %7.3 لا بولىدۇ، لېكىن بىز ئاخىرىدا 3-كەسىپنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %7.8 كە يەتكەنلىكى، 2-كەسىپنىڭ بولسا ئاران %7.3 بولغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقتۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر