باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

يىغىندا «قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى»نى چۆرىدەپ تەكلىپ بېرىلدى.

2014.04.26 01:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 23-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، بۇ يىلدىكى 3-قېتىملىق ئايلىق كېڭىشىش يىغىنىنى ئېچىپ، «قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى»نى چۆرىدەپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى. جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىدا تاپشۇرغان «قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ»ى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك ئېتىبار بېرىشىغا ئېرىشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەھبەرلىرى تەكلىپكە مۇھىم تەستىق سالدى ھەم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تاپشۇردى. بۇ تەكلىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش نۇقتىلىق بىر تەرەپ قىلىدىغان تەكلىپلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ مەسئۇللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، كارخانا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى، قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ۋەكىللىرى، مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان ئىستۇدېنتلارنىڭ ۋەكىللىرى قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشتى. مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق يىغىن ۋەكىللىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، سىياسەتلەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛ مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن مەكتەپ، كارخانىلارنى باغلاش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش؛ قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىدىيە تونۇشىنى ئۆزگەرتىپ، توغرا كەسىپ تاللاش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سىستېمىلىق ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش. ئۇ ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، كارخانا، مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان، ھەممە تەرەپنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېھتىياجلىق مەسىلە. بۈگۈنكى يىغىن ھەم ئايلىق كېڭىشىش يىغىنى، ھەم تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش يىغىنى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يىغىندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا بەرگەن پىكىر – تەكلىپلىرىنى جەملەپ، رەتلەپ، «سىياسىي كېڭەشنىڭ پىكرى» شەكلىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ يەنلياڭ، لى شياڭلىن، گۈلشات ئابدۇقادىر يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر