باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق چىڭداۋ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى باشلاندى

2014.04.26 01:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق چىڭداۋ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى 25-ئاپرېل رەسمىي باشلاندى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۇروڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. «تۇرمۇشىمىزنى تەبىئەتكە مۇجەسسەملەش»-چىڭداۋ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسى بولدى، بۇ-تۇنجى قېتىم ئوخشاش بىر رايوندا جۇڭگونىڭ بارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىرى ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرى كۆرگەزمىگە قاتناشقان دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى بولۇپ قالدى. بۇ يىللىق چىڭداۋ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى-خەلقئارا باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى جەمئىيىتى تەستىقلىغان كەسپىي خەلقئارا كۆرگەزمە، يەنى خەلقئارالىق ئۇزۇن مۇددەتلىك باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى. چىڭداۋ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى 15-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ، ئالتە ئايلىق كۆرگەزمە مەزگىلىدە، 12 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر