باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا جۇڭگو ۋە رۇسىيە بىلەن قارشىلىشىپ ئىستراتېگىيەلىك چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى

2014.04.26 01:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دۆلەت مەنپەئەتى» قوش ئايلىق ژۇرنىلى تور بېكىتىدە «ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك خاتالىقى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى جەھەتتە چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئىككى چوڭ دۆلەت بىلەن قارشىلاشتى. ئۆتكەن بىر يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە، ۋاشىنگتوننىڭ موسكۋا ۋە بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئېغىر سۈركىلىش بولۇپ، ئېھتىيات دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. بۇ كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدىغان ئەھۋال، ئوباما ھۆكۈمىتى تۈزىتىش تەدبىرى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى قوللانمايدىغان بولسا، بۇ خىل ئەھۋال ۋاشىنگتونغا ئېغىر جۇغراپىيەلىك سىياسىي قىيىن مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

  رۇسىيەنىڭ قىرىمغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى ھەمدە قىرىمنى يۇتۇۋېلىشى ئەسلىدىنلا سۇس بولىۋاتقان رۇسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. 2012-يىلى ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى رۇمۇنى مۇنداق دېگەن ئىدى: رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق جۇغراپىيەلىك سىياسىي رىقابەتچىسى، گەرچە بۇ خىل قاراشقا قوشۇلىدىغان ئامېرىكىلىق زىيالىيلار كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن رۇسىيە ئامېرىكا توقۇنۇشى قىرىم كىرىزىسىدىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى، بۇ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە ۋە ئىران مەسىلىسىدە كەسكىن قارشىلىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىرىم كىرزىسى رۇسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. ۋاشىنگتون بىلەن ئۇنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى رۇسىيەگە ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزدى، لېكىن رۇسىيە ئۆزىنىڭ جازاسى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ جازاسىغا ئىنكاس قايتۇردى.

  ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇنداق دۈشمەنلىشىشى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاز كۆرۈلگەن ئىدى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى شەرقى ياۋروپادىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىنى توسۇشنى ئويلاشماقتا. ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ساھەسىدىكى قاتتىق قوللار تېخىمۇ كۆپ قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بېرىشنى ئاشكارا ئوتتۇرغا قويدى.

  ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىدىمۇ تېخىمۇ قارشىلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگېل يېقىندا جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش داۋامىدا تېخىمۇ روشەنلەشتى. جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۈەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى چەكلەش تىرىشچانلىقى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئامېرىكىنىڭ بىر قاتار مەسىلىلەردىكى مەيدانى جۇڭگونى غەزەپلەندۈردى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن جۇڭگوغا قوشنا ئەللەرنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە شەرقى دېڭىز قاتارلىق ساھەلەردىكى تالاش-تارتىشىغا تۇتقان مەيدانى جۇڭگونى ناھايىتى بىزار قىلدى. بېيجىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئوباما ھۆكۈمىتى ياپونىيە، فىلىپپىن، ۋيېتنام ھەمدە باشقا جۇڭگو بىلەن تالاش-تارتىشى بار دۆلەتلەرنى قوللىدى. ۋاشىنگتون بىلەن مانىلا ئارىسىدىكى يېڭى بىخەتەرلىك كېلىشىمى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۋېتىشى مۇمكىن.

  ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يامانلىشىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېسىنگىرنىڭ مۇھىم ئاگاھلاندۇرۇشىغا خىلاپ. نىكسۇن ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئويلىشىپ، كېسىنگىر مۇھىم جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك مەنتىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ «ئاق سارايدىكى يىللار» دېگەن ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: ۋاشىنگتوننىڭ تەدبىر قوللىنىپ موسكۋا ۋە بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مەڭگۈ موسكۋا بىلەن بېيجىڭ مۇناسىۋىتىدىن يېقىن قىلىشى كېرەكلىكىگە قەتئىي ئىشىنىمەن، بۇ ئەينى ۋاقىتتا بىر ياخشى ئىستراتېگىيە ئىدى، ھازىرمۇ بىر ياخشى ئىستراتېگىيە.

  ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ نادان دىپلوماتىيە سىياسىتى ئوخشىمىغان، كىشىنى خاپا قىلىدىغان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ۋاشىنگتوننىڭ قىلمىش، ئەتمىشلىرى ھەتتا رۇسىيە بىلەن جۇڭگونى يەنىمۇ بىرلەشتۈرۈشى، ئېغىر ئىختىلاپلارنى قايرىپ قويۇپ، كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئامېرىكىنىڭ تەھدىتىگە ئوتاق تاقابىل تۇرۇدىغان قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئېغىر ئىختىلاپى 19-ئەسىردىن بۇيانقى چېگرا ماجىراسى ۋە ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى رىقابەتتە كۆرۈلىدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەگە تۇتقان دىپلوماتىيەسىدە زۆرۈر بولمىغان ئۆتكۈرلۈك ۋە قارشىلىشىش مەۋجۇت. چۈنكى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە رەھبىرى باشار ئاسادنى ئاغدۇرۇش تىرىشچانلىقىنى ھەمدە ئىرانغا كۈنسېرى ئېغىر جازا يۈرگۈزۈشىنى توستى. ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ سەۋەبلىك موسكۋا ۋە بېيجىڭدىن ئاچچىقلاندى. ھازىرقى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇسان رايس جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئىچى ئېلىشىپ كەتتى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ قىلمىشى نومۇسسىزلىق، كەچۈرگىلى بولمايدۇ، دېدى. شەك شۈبھىسىزكى بۇ پوزىتسىيە موسكۋا ۋە بېيجىڭنى ئۆتكۈر ئەيىبلىگەنلىك.

  توغرىسى ئامېرىكا جۇڭگو ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. ئەگەر ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى مۇشۇنداق تاكتىكا قوللانمىسا، ئەڭ بولمىغاندىمۇ بىر چوڭ دۆلەتنى ئالاھىدە رەقىب قىلىپ تاللىشى، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى چوڭ دۆلەت بىلەن دۈشمەنلەشمەسلىكى كېرەك. جۇڭگونىڭ ئەڭ خالىمايدىغىنى شۇكى ئامېرىكىنىڭ موسكۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىختىلاپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش خىيالىنىڭ يوقلىقى.

  تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلىرىگە قاراپ بېقىشى كېرەك، ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن قارىغاندا، قايسى دۆلەت ئامېرىكا ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم؟ قايسى دۆلەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئىقتىدارى بار؟ قايسى دۆلەت ئۆز رايونىدا ھازىرقى ھالەتنى بۇزۇشقا تېخىمۇ ئىقتىدارى ۋە ئارزۇسى بار؟ قايسى دۆلەتنىڭ خەلقئارانىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى ۋە ئارزۇسى بار؟ ھازىرقى ھالەت ئۆزگەرسە ئامېرىكىغا پايدىلىقمۇ يوق؟

  بۇ مەسىلىلەرگە ئاسانلا جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ. رۇسىيە بەزى ساھەلەردە كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغان يوشۇرۇن دۈشمەن، بەزى ساھەلەردە جۇڭگو يوشۇرۇن دۈشمەنگە تېخىمۇ ئوخشايدۇ. لېكىن ئامېرىكا ھەرقانداق بىر ئۈنۈملۈك دىپلوماتىيە سىياسىتىدە مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى مۇرەككەپ باھالايدۇ، بۇ مەسىلىلەرنى ئويلىغاندا ئامېرىكىنىڭ موسكۋا ۋە بېيجىڭنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ دۈشمىنى قىلىۋېلىشى ئاقىلانىلىك تاللاش ئەمەس. ئەمما ھازىرقى ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى دەل مۇشۇنداق بولىۋاتىدۇ. بۇ يولنىڭ ئاخىرىدا ئۈمىدسىزلىك ۋە يوشۇرۇن ئاپەت بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر