باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ شياڭگاڭ ئىقتىساد گېزىتى مالىيە ئىقتىساد يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2014.04.26 00:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى،سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدا 4-نۆۋەتلىك تەيۋەن بوغۇزى ئىككى تەرىپى ۋە شياڭگاڭ ئىقتىساد گېزىتى مالىيە ئىقتىساد يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار بىلەن تەيۋەنلىك قېرىنداشلار جۇڭخۇا ئەۋلادلىرى.شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ،ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ راۋاجلىنىشىنى قوغداش ئىككى قىرغاق ۋە شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.92-يىلىدىكى ئورتاق تونۇش ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسى. ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى ئاساسى قانۇن ۋە بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش يېتەكچى پرىنسىپى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.ئىككى قىرغاق ۋە شياڭگاڭنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ بۇ مۇھىم سىياسىي ئاساسنى بىرلىكتە قوغداپ، ئىقتىساد سىياسەت تەتقىقاتىنى بىرلىكتە ياخشى چۈشەندۈرۈپ،ئاممىغا توغرا سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۇلارنى بەخت سائادەتكە ئېرىشتۈرۈدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى قىرغاق ۋە شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى قول تۇتۇشۇپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر