باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا كادىرلار كەنتلەرگە چۈشۈپ باھار نۇرىنى يۇرتداشلارغا يەتكۈزدى

2014.04.26 01:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسى چىلان يېزىسى بۇلاق كەنتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ تېمى سىرتىدا دائىم كىنو ئېكرانىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى سەيپىدىن تۇراق كادىرلار بۇلاق كەنتىگە كەلگەندىن كېيىن، ھەر كۈنى كەچتە بىر مەيدان كىنو قويۇلدى،دېدى.

  خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۈل يېزىسىدا يۇرتداشلار ھەر كۈنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ «تەۋەككۈل ئاۋازى» رادىيوسىنى ئاڭلايدىغان بولدى. دېھقانلار ئۆزلىرى ئاچقان بۇ رادىيو پىروگراممىسىدا يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكىسى، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، قانۇن قاتارلىق ساۋاتلار ئاڭلىتىلىپلا قالماستىن، يەنە ھەر بىر يېزا بازاردا يۈز بەرگەن چوڭ كىچىك ئىشلارمۇ ئاڭلىتىلىپ، پۈتۈن يېزىدىكى ئامما ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان پىروگراممىغا ئايلاندى.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسى قىزىلوي يېزىسى كانشىۋېر كەنتىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى يۇرتداشلارنىڭ يېقىن دوستىغا ئايلاندى. قىزىلوي يېزىسىدىكى ھەر قايسى كەنت كادىرلىرىلا ئەمەس، ھەتتا ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ باشقا يېزا كەنتلىرىدىكى مەسئۇللارمۇ ئۇلارنى ئىزدەپ كېلىپ مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۇلاش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، «خىزمەت گۇرۇپپىسى ياخشى» دېگەن سۆز شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، يېزىلىرىدىكى كەنتلەرگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان بىر ئېغىز سۆز بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر