باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تۆت چوڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تارقاتتى

2014.04.25 09:26         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 22-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن قىراۋ ئۈششۈكىدىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ، قۇم-بورانلىق ھاۋارايىدىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ، سوغۇق ئېقىمدىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تارقىتىپ ، ئاھالىلەرنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىنى ئەسكەرتتى .

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، 22-ئاپرېل كېچىدىن 24-ئاپرېلغىچە ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى ، قومۇل قاتارلىق جايلاردا بوران چىقىپ ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن ، شىمالىي شىنجاڭ ، شەرقىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا℃8~℃10 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن ، تارباغاتاي ، ئالتاي، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقى ، قومۇل قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا℃10~℃15 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا كۈچلۈك قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن ، ئۇنىڭدىن باشقا ئاقسۇ ، بايىنغۇلىن ، خوتەن قاتارلىق جايلارنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن ، بايىنغۇلىننىڭ جەنۇبى ، خوتەننىڭ شەرقىدە كۈچلۈك قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن . شىمالىي شىنجاڭ ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قىراۋ ئۈششۈكى كۆرۈلىدىكەن .

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقاندىن باشقا ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىلغان ، 22-ئاپرېل سائەت 9:00 غىچە جەمئىي 43 ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىلغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر