باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ خونت بىلەن كۆرۈشتى

2014.04.24 10:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش مىنستىر لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەينىڭ زىگۇاڭگى راۋىقىدا جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگو ئەنگلىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى 2-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئەنگلىيە تەرەپ رەئىسى، ئەنگلىيەنىڭ سەھىيە ۋەزىرى خونت بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنۇتۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىساد مالىيە پۇل-مۇئامىلە سۆزلىشىشى، ئىستراتىگىيەلىك سۆزلىشىش بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى «ئۈچ چوڭ تۈۋرۈك» شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتىگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۈندى.

  لى كېچياڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى ساھەسىدىكى نادىر قۇرۇلۇشلارنى ئىجابىي يارىتىپ، مائارىپ سەھىيە، ياشلار، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسى مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  خونت مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە ـ جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنگلىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر