باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە مەدەت بەرمەكتە

2014.04.26 01:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرەققىيات، تەتقىقات مەركىزى ياۋروپا-ئاسىيا جەمئىيەت تەرەققىياتى تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شيەنجۈ 24-ئاپرېل «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى يۈزىنى ساقلاش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت قوللاندى، چۈنكى بۇندىن بۇرۇن ئۇكرائىنا شەرقىي رايوندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كېرەك دېگەن ئىدى، شۇنداقلا بۇمۇ ئۇكرائىنانىڭ غەربىدىكى بىر قىسىم ئەسەبىي مىللەتچى تەشكىلاتلارنىڭ بېسىمى بىلەن ئىلاجىسىز قوللانغان ھەرىكىتى ئىدى. ۋاڭ شيەنجۈ ھەرىكەت پەيدا قىلغان تەسىر ھەققىدە مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ، ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋە كېلىشىمىدىن كېيىن يەنىلا بۇ دۆلەتنىڭ ۋەزىيىتىنى تىزگىنلەشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىشى-ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇس تىللىق ئاھالىلەر، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغايدۇ، بىراق ئىچكى ئۇرۇش بولىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىش تېخىمۇ بالدۇرلۇق قىلىدۇ.

  يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپامۇ ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە مەدەت بەرمەكتە. ئامېرىكا پاراشۇتچى ئەسكەرلىرى 23-ئاپرېل پولشانىڭ غەربىي شىمالىي چېگرا رايونىغا يېتىپ بېرىپ مانېۋىرنى باشلىغاندىن سىرت، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، دانىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ رۇسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى توستى. ئەنگلىيە خانلىق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇرۇش پاراخوتىمۇ بىر مەھەل رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى بىلەن دوقۇرۇشتى. ئەزەلدىن سىياسىيغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى يۇقىرى بولمىغان كانادامۇ 24-ئاپرېل چوڭ ھەرىكەت قىلىپ، ئۇكرائىناغا 500 «كۆزەتكۈچى» ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كانادا ھۆكۈمىتى مۇنداق دېدى: بۇنداق كۆپ كۆزەتكۈچى ئەۋەتىشنىڭ سەۋەبى بار، چۈنكى كانادا ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەڭ بالدۇر ئېتىراپ قىلغان دۆلەت، بۇندىن بۇرۇنمۇ ئۇكرائىنادىكى كۆپ قېتىملىق چوڭ سايلامغا كۆزەتكۈچى ئەۋەتكەن. بىراق، كانادا ھۆكۈمىتى يەنە بىز بۇ قېتىم رۇسىيەنىڭ بىر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلىشىغا يول قويماسلىق جەھەتتە ئاگاھلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق دەپ تەكىتلىدى.

  بۇندىن باشقا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھاۋادىن ئاگاھلاندۇرۇش ئايروپىلانلىرى رۇسىيە-ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەر قانداق ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن، رۇمىنىيە ئاسمىنىدا توختىماي ئۇچتى، بىر ئوتتۇرا ئەترەتتىن تەشكىللەنگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى بۇنى مۇھاپىزەت قىلدى، چۈنكى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ رازۋېدكا ئايروپىلانلىرىمۇ ناھايىتى يېقىن ئارىلىقتىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رازۋېدكا ئايروپىلانلىرىغا كاشىلا تۇغدۇردى ھەم قارا دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىغا تۆۋەن بوشلۇقتىن تەھدىت سالدى.

  رۇسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن 24-ئاپرېل يەنە سانكىت-پېتىربورگدا ئۆتكۈزۈلگەن تاراتقۇ مۇنبىرىدە كىيىۋ ھاكىمىيىتىنىڭ ئوڭچىللار رايونىدىكى تەشكىلاتلارنى قانۇنلۇق قىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمدا قوللانغان ھەرىكىتى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ دېگەن. پۇتىن مۇنداق دەپ قارىغان: كىيىۋ ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيەنى ئىشقا سېلىشى-ئۇنىڭ ھەربىي ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ جازا يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتى كىيىۋ رەھبەرلىرىگە ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە رۇسىيە-ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. پۇتىن غەربنىڭ جازاسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: زامانىۋى دۇنيادا ھەر قانداق جازا ئۈنۈملۈك تەدبىر ئەمەس، جازالاش مەڭگۈ ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ. رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ شۇ كۈنى لىۋاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزگەندە مۇنداق دېدى: بىز كىيىۋ دائىرىلىرىنىڭ ھەر قايسى رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشى ھەم سۆزلىشىشنى باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، مانا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى. ئامېرىكىمۇ ئۆزىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، كىيىۋ دائىرىلىرىنى سادىر قىلغان ۋەقەلەرگە مەسئۇل بولۇشقا مەجبۇرلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر