باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

2014.04.25 13:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ياڭ يۈجۈن ئالاقىدار قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر ھەققىدا مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  مۇخبىرنىڭ ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى 19-ئاپرېل ياپونىيەنىڭ ئەڭ غەربىدىكى يۈناگونى ئارىلىدا نازارەت قىلىش قىسمى ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، شۇ جايدا رادار قۇرماقچى بولدى، بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟ ئوباما ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇش ئالدىدا دياۋيۈ ئارىلىنىڭ «ئامېرىكا ياپونىيە بىخەتەرلىكنى قوغداش شەرتنامىسى» غا ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. ئوبامانىڭ بۇ پوزىتسىيىسى رايون بىخەتەرلىكىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ دەپ سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ياڭ يۈجۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياپونىيەنىڭ ئالاقىدار ھەربىي ئىشلار يۆنىلىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىمىز، جۇڭگو قىسىملىرى ئالاقىدار رايوندا ئۇرۇش تەييارلىقى بويىچە چارلاش ۋە ھەربىي ئىشلار مەشىقى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئوبامانىڭ پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىگە قارىتا بىز شۇنى تەكىتلەيمىزكى: بىرىنچى، دياۋيۈ ئارىلى جۇڭگونىڭ زېمىنى، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ تامامەن قوغداش ئىقتىدارى بار، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاتالمىش بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىنىڭ ھاجىتى يوق؛ ئىككىنچى، ياپونىيەدىكى بەزى كىشىلەر بۇ ئىشنى كۆپتۈرۈپ ئېيتماقتا، بۇ توخۇ پېيىنى پەرمان ئوقى قىلغانلىق.

  مۇخبىر جۇڭگو ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ مەسئۇلى چىڭداۋدا سەمىمىي ھالدا جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا دىققەت قىلمىسىلا توقۇنۇش پەيدا بولىدىغان مۇمكىنچىلىك مەۋجۇت دېدى. بۇ خىل پوزىتسىيە جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ توقۇنۇشۇشقا ھەربىي تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ دەپ سورىغاندا ياڭ يۈجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن غەربىي تىنچ ئوكيان دېڭىز ئارمىيەسى مۇنبىرىنىڭ 14-قېتىملىق يىللىق يىغىنىدا «ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش لېكىن توقۇنۇشماسلىق» قارىشى ھەقىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ بىر ئوبرازلىق سۆز. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئارمىيەسى «باشقىلار ماڭا تېگىشمىسە، مەنمۇ باشقىلارغا تېگىشمەيمەن، ئەگەر باشقىلار ماڭا تېگىشىپ قالسا، مەنمۇ چوقۇم ئۇنىڭغا تېگىشىمەن»دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر