باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ %30 تى ئورۇنلىنىپ بولدى

2014.04.26 01:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر مەملىكەت بويىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى.جايلار مەملىكەتلىك ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش،ئورمان يايلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈردى. 3-ئايدىن بۇيان تېمپېراتۇرا بىر قەدەر يۇقىرى، نەملىك بىر قەدەر ياخشى بولغان پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرمەكتە. ھازىر مەملىكەت بويىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ %30 تى ئورۇنلىنىپ بولدى؛ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن تىز بولدى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىنى تەڭشىشىگە قارىغاندا،22-ئاپرېلغىچە مەملىكەت بويىچە تۈرلۈك زىرائەت تېرىلغان يەر 420 مىليون موغا يېتىپ، پىلاننىڭ %30.6 ئورۇندالغان. ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.9 پوئىنت تىز بولغان.

  جۇڭگو ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى ئون كۈندە مەملىكەت بويىچە تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن بىر قەدەر يۇقىرى ياكى ئوخشاش بولۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا تېرىلغۇغا ماس كەلمەيدىكەن. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، يېتەكچىلىك مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىدۇ. ئاساسلىقى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ، تۆۋەن ئېقىنىدىكى رايونلاردا چىلگە شال كۆچۈرۈش؛ شەرقى شىمالدا ئەتىيازلىق قۇرغاقچىلىق،ھۆلچىلىككە تاقابىل تۇرۇپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كاپالەتلىك قىلىش؛تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش؛ مۇۋاپىق مەزگىلدىكى تېرىلغۇغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا نۇقتىلىق يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلاردىن يېزا ئىگىلىكى تېخنىكلىرىنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1-سېپىگە ئاتلىنىشقا تەشكىللەپ، دېھقانلارنى تېرىلغۇغا سەپەرۋەر قىلىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يېنىكلىتىش تېخنىكىلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىقچىلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ،تېرىقچىلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر