باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يازلىق ئوزۇقلۇق پىلانىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ

2014.04.26 01:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يېقىندا «يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش» چۈشۈرۈپ، سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە(شەھەر) ۋە مەكتەپلەردىن مەكتەپ ئاشخانىسى ۋە يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىناق نۇقتىسى قىلىنغان مەكتەپ ۋە كارخانىلار مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالى ۋە مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تازىلىقىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشى كېرەك، مەكتەپ ئاشخانىسى ۋە يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانىلار سۈپىتى ئۆزگەرگەن، ۋاقتى ئۆتكەن، ئورۇسى بۇزۇلغان يېمەكلىكلەر ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئاسان كېلىپ چىقىدىغان سوغۇق سەي، راڭپىزا، پۇرچاق سۈتى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ساتماسلىقى كېرەك. سىناق نۇقتىسى قىلىنغان مەكتەپلەر ئاشخانا باشقۇرۇش، يېمەكلىك سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، سېتىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ھەربىر ھالقىغىچە ئەستايىدىل ئىشلەپ، يوچۇق قالدۇرماسلىققا، ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانىدا مەسىلە كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، «بىرىنچى قول رەھبەر» مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «كىم مەسئۇل بولسا، شۇ جاۋابكار بولۇش» ۋە «تەۋەلىكى بويىچە باشقۇرۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش قىلمىشلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، قىلمىشى ئېغىر، خاراكتېرى قەبىھلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، ئالاقىدار كىشىلەر ۋە رەھبەرلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر